قىسقىچە ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى قامۇسى(2 توم)

Qisqiche Uyghur Örp – Adetliri Qamusi

Qisqiche Uyghur Örp – Adetliri Qamusi




قىسقىچە ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى قامۇسى
Qisqiche Uyghur Örp – Adetliri Qamusi

Çağdaş Uygur Örf ve Âdetleri Kısa Ansiklopedisi(Iki Cilt ) (Özet Altinda)

The Concise Encyclopedia of Modern Uyghur Social Customs and Traditions (Two Volumes) (Abstract Below)

قىسقىچە ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى قامۇسى

كىرىش سۆز

دوكتۇر ئامىر سەيدۇللا

تىرىشچان تىلشۇناس زىيالىي مەمەت تۇرسۇن زۇنۇن ئەپەندىمنىڭ نەچچە ئون يىللىق جاپالىق ئەقلى ئەمگىكىنىڭ مېۋىسى بولغان بۇ غوللۇق ئەسەرگە كىرىش سۆز يېزىش شەرىپىنىڭ پېقىرغا چۈشۈشى ھەم پەخىرلىنەرلىك ۋە شۇنداقلا مەسئۇلىيىتى ئېغىر ئەقلانە ۋەزىپىدۇر. مەزكۇر كىتابنى قولىغا ئالغان ھەر قانداق بىر ئۇقۇرمەن ئۇنىڭ ۋەزنىنى دەڭسەپ كۆرگىنىدە سالماقلىق بۇ ئەسەرنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن مۇئەللىپنىڭ قانچىلىك ئەجىر ۋە مېھنەت سىڭدۈرگەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. دېمەكچىمەنكى مەزكۇر ئەسەر ئۆزىنى ئۆزى تۇنۇشتۇرۇپ تۇرۇپتۇ، ئەمەلىيەتتە پېقىرنىڭ ئوشۇقچە زۇۋاندارازلىق قىلىشىنىڭ لازىمى يوق بولسىمۇ، ئەمما زىممەمگە ئارتىلغان بۇ دوستلۇق بۇرچىدىن باش تارتىشنى تۇغرا تاپمىدىم. شۇڭلاشقا بۇ يەردە ئىككى كەلىمە سۆز قىلپ ئۆزۈمنىڭ تولۇق شەكىللىنىپ بولالمىغان قىسمەن شەخسى قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنىڭ زەخمىتى بولمىسا دەيمەن.
ئالدى بىلەن بۇ كىتابقا ئەدەبىي ژانىر نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولساق، قىممەتلىك مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ – ئادەت مىراسلىرىمىزنىڭ مەزمۇنىنى تۇغرا چۈشىنىپ، ئۇسۇللىرىدىن يولىدا پايدىلىنىش ۋە ئۇلارنى قەلەم شەكلىدە ساقلاپ قىلىش مەقسىتىدە پۈتۈلگەن بۇ ئەسەرنى ئېنسىكلوپېدىيە بىلەن لۇغەتچىلىك ئىلمىنىڭ جەۋھىرى سىڭدۈرۈلگەن بىر يېڭى ئەدەبىي شەكىل دەپ قارىساق خاتا بولمايدۇ. يەنى قىسمەن سۆز ئاتالغۇلار ۋە مىللى ئويۇن-چاقچاقلارغا تەبىر بېرىش ۋە ناملىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى كېڭەيتىپ چۈشەندۈرۈپ ئەسەرنىڭ ئېنىسكلوپىدىك تۈسىنى نامايان قىلغان بولسا، ئېلىپبە تەرتىپىدە تۈزۈلگەن سۆز قۇرۇلمىسى كىتابنىڭ لۇغەتچىلىككە خاس تەرەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بۇ يەردە يەنە شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، كىتابتىكى مەزمۇنلارنىڭ كەڭ ۋە چۇڭقۇر بولۇشىدىن باشقا، مۇئەللىپنىڭ مەزكۇر ئەسەرنىڭ تۈزۈلمە ۋە قۇرۇلمىسىنى مەنتىقىۋى ۋە ئىلمى يۇسۇندا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكى مەلۇم. كىتابقا ئىلمى قىممەت نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولساق مەزكۇر ئەسەر خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ كەلگەن، ئەمما تولۇق رەتلەپ باسما شەكلىگە كەلتۈرەلمىگەن ئۇچۇرلار بىلەن قىسمەن ئۆرپ – ئادەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنىڭ تۇنجى قېتىم بىر توپلام شەكلىدە قېلىپلاشتۇرۇلۇپ ۋە تەھرىرلەپ نەشىر قىلىنىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزىلا بىر قىممەتلىك ئەقلى بايلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە مۇشۇنداق بىر كۆپ ئەمگەك تەلەپ قىلىدىغان ئەسەرنىڭ بىرلا ئاپتورنىڭ قولىدىن چىقىشىغا ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايمىز.
ئانتروپولوگىيە ئىلمىنىڭ مەدەنىيەت ئۇقۇمىغا بەرگەن ئېنىقلىمىسىغا قارايدىغان بولساق مەدەنىيەت دېمەك مەلۇم بىر قوۋم خەلقىگە ئورتاق بولغان بىلىم ۋە خىسلەتلەرنىڭ بىرىكمىسىدۇر، يەنى مەدەنىيەت دېمەك تىلى، دىنى ئېتىقادى، يېمەك ئىچمەك ئادىتى، ئىجتىمائىي قىلمىش ئادەتلىرى، ناخشا -ئۇسۇل، مۇزىكا ۋە سەنئەت، ئۆلۇم يىتىم، توي-تۆكۈن ئادەتلىرىدىكى ئۆزلگىچىلىكتىن ئىبارەت نۇرغۇن مەزمۇنلارنىڭ بىرىكمىسىدۇر. يىغىپ ئېيتقاندا بۇ ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ ئورتاق ھەركەت قىلمىشى ۋە قىممەت قارىشىنىڭ بىر توپلام ئىچىدىكى ئۆزگىچە ئىپادىلىنىش بولۇپ، ئۇ بىر قوۋم كىملىكىنىڭ ئېنىقلىمىسىغا مەزمۇن قاتىدىغان تەپسىلاتلاردۇر. يەنى شەخسلەرنىڭ تەۋەلىك ئېڭى، كوللېكتىپنىڭ بىرلىك ھېسسىياتى ۋە بىر ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ ئۆزىنى تونۇتۇشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان كۈندىلىك تەپسىلاتلارنىڭ مەجمۇئەسى مەدەنىيەت كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۆرپ- ئادەت مىللەت ياكى قوۋمنىڭ ئىگىلىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. مىللى مەدەنىيەت مىراسى بولمىغان قوۋمنىڭ مىللەت مەۋجۇتلۇقىدىن ئېغىز ئىچىش خۇددى سۇ يۈزىدىن ئاينى تۇتۇشقا ئۇرۇنغاندەك بىھۇدە خىيالىدۇر. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ مەزكۇر كىتابنى باش-پاناھسىز قالغان مىللىتىمىز ئۈچۈن ئاتا مىراسىنى بىلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر راھنامە دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ يەردە يەنە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تۇغرا كېلىدۇكى بىز قوغدايمىز دېمەكچى بولغان ئۆرپ – ئادەت ۋە مىللى مەدەنىيەت ھەرگىزمۇ بىر تۇرغۇن ئۇقۇم ياكى ئۆزگەرمەس ھادىسە ئەمەس، بەلكى ئۆزگىرىشچانلىق ئىچىدە مېڭىۋاتقان ئەمما مۇكەممەل قۇرۇلمىسى شەكىللىنىپ بولغان بىر كوللېكتىپ مىراس كۆزدە تۇتىلىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ ئۆزى ئۆزگىرىشچانلىقى كۈچلۈك تارىخى رېئاللىق بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى سەپەرلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق مەدەنىيەتنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچلىرىدىكى بىردىن بىر ئۆزگەرمەي كېلىۋاتقان خاراكتېرى ئۇنىڭ داۋاملىق ئۆزگىرىپ مېڭىشىدۇر. بىز قوغدىماقچى بولغىنىمىزمۇ دەل ئۆزىمىز ساھىپ بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ تارىخى كەچمىشلىرىمىز، ئەقىلىي قۇدرىتىمىز ۋە ئىجتىمائىي ئېھتىياجىمىزنىڭ تۇرتكىسى ئاساسىدا قېلىپلىشىپ، ئومۇملىشىپ ۋە ئاممىبابلىشىپ، ئۆزگىچىلىكىمىزنى ناماياندە قىلىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت سىمۋوللىرى بىلەن شۇلارنىڭ تەرەققىيات تەقدىرگە ئىگىدارچىلىق قىلالايدىغان ھوقۇقىمىزدۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقىنىمىز ئۆرپ – ئادەت ۋە مەدەنىي مىراسلىرىمىزنىڭ سۇبيېكتىپ ئىپادىلىنىش ئۇسۇللىرىلا ئەمەس بەلكى ئاشۇ ئۆرپ -ئادەتلەرنىڭ يۆنىلىشى، ئۆزگىرىشى ۋە كەلگۈسى تەقدىرىگە ئىگە بولالايدىغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىدۇر.
مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە كىملىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان ھالقىلىق بىر پەيتتە پۈتۈلگەن بۇ ئەسەرنى دەل ۋاقتىدا ياققان شىپالىق يامغۇرغا ئوخشاتساق مۇبالىغە بولماس. ئەجدادلىرىمىز نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى نۇرغۇن مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، سىياسى ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈش بەدىلىگە مۇكەممەللەشتۈرۈپ چىققان ئاتا مىراس بولغان مىللى مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى خىرسقا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئېنىقىسىز بىر كۆلەڭگۈدە تۇرماقتا. ۋەتەندىكى سىياسىي مۇھىتقا نەزەر سالساق نۆۋەتتە مىللى مەدەنىيىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئۆزى پەيدا بولۇپ، قېلىپلىشىپ ۋە تاكامۇللاشقان ئاشۇ ئانا تۇپراقتا يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالماقتا. ۋەتەن ئىچىدە مىللەتنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشلىرى چەكلىمىگە ئۇچراپ، خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن قىستىلىپ چىقىرىلىپلا قالماي، مىللى مەدەنىيەتلەرنى تارقىتىدىغان، تونۇشتۇرىدىغان ۋە ئانالىز قىلىدىغان قاناللارمۇ توسالغۇغا ئۇچرىماقتا. مەسلەن مىللى زىيالىيلىرىمىز تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ، ئۆز تىلىمىزدا يېزىلغان ئەسەرلەر يوق قىلىنىپ، مىللى مەتبۇئاتلار تاقىلىپ، تىلىمىز ئالدى بىلەن تەپەككۇر تىلىدىن تەرجىمە تىلىغا ئايلىنىپ ئەمدىلىكتە بولسا ئاستا ئاستا كېرەكسىز بىر يۈككە ئايلىنىپ قېلىش گىردابىغا كېلىپ قالدى. دېمەك، مەزكۇر كىتابتا خاتىرلەنگەن مەزمۇنلار بىلەن تۇنۇش بولغان مۇشۇ ئەۋلاد خەلقتىن كىيىن مىللى مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئىستىقبالىنىڭ قانداق بولۇشى تېخى ئېنىقسىز. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئەگەر بىر كۈنى دەۋر ئۆزگىرىپ مىللى ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنى قايتىدىن تېرىلدۇرۇش پۇرسىتى يارىتىلغان تەقدىردىمۇ ۋەتىنىمىزدە پايدىلانغۇدەك يازما مەنبەلەرمۇ تېپىلماي قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر قولىمىزدا مۇشۇنداق بىر يازما خاتىرە بولمىسا تامامەن يات بىر مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدە يېتىلگەن كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى بىلىشى ئاسانغا توختىمايدۇ. تىل يوقالدى دېمەك، ئاشۇ تىلغا مەزمۇن بەرگەن ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان مەدەنىيەت تۇپرىقى يوقالدى دېمەكتۇر. ئۇ چاغدا غۇۋا ئەسلىمە ۋە سۇبيېكتىپ پەرەزدىن مىللى مەدەنىيەتنى قايتا تىزىلدۇرۇش ئاسان ئەمەس.
يىغىپ ئېيتقاندا مەزكۇر كىتابنىڭ بۈگۈنكىدەك بىر سياسىي مۇھىتتا ئوتتۇرىغا چىقىشى خەلقىمىزنىڭ زىدە قىلىۋېتىلگەن كۆڭلىگە مەلھەم بولغۇسى. روشەنكى مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن باش قاتۇرۇشنىڭ شەكىللىرى ھەر خىل بولۇپ، ھەر كىم ئۆزىنىڭ قۇدرىتى، قىممىتى ۋە قابىلىيىتىگە ماس ۋاسىتىلەر بىلەن مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. تارىختا مىڭ لەشكەر بىلەن يېڭەلمىگەن جەڭنى بىر قەلەم بىلەن غالىبىيەتكە چىقارغانلارنىڭ مىسالىمۇ ئاز ئەمەس. بىزمۇ مىللى مەۋجۇتلۇق كۈرىشىمىزنىڭ فرونتلىرىنى سىياسى، ئىقتسادىي ۋە ئەقىلىي سەھنىلەردە تەڭ ئېلىپ بارغېنىمىزدىلا ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن ئۈمىد، قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن يۇرۇقلۇق كۆرەلەيمىز. ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ بۇ كىتابنى سېتىۋېلىپ ساقلاپ قۇيۇشى خەلقىمىزنىڭ ئەقلى فرونتىدا جەڭ قىلىۋاتقان زىيالىيلىرىگە بېرەلەيدىغان ئەڭ ئالى مۇكاپاتىدۇر.

2019- يىلى مارت،
لۇندۇن

Çağdaş Uygur Örf ve Âdetleri Kısa Ansiklopedisi

Bu çalışma, Uygur halkının gelenek ve göreneklerini anlatan sözcüklerin ve kavramların sözlük tarzında sıralanarak okuyucuya sunulduğu kısa bir başvuru kitabıdır.
Uygurlar, Doğu ve Orta Asya’da yaşayan Türk kökenli bir etnik gruptur. Göçebe komşularının aksine, Uygur kaç bin yıldan daha fazla bir süredir yerleşik bir uygarlığa sahiptir. Asya’nın merkezinde bulunan modern Uygur yurdu, eski ticaret yollarından ve o topraklardan geçen eski dünya uygarlıklarından faydalanmış bunun sonucunda ortaya çıkan kültüre farklı bir renk tonu ve zenginlik katmıştır. Tarih öncesi çağlardan bu yana varlığını sürdüren yerleşik kültürlerle birlikte, sonradan ortaya çıkmış medeniyetlerle de etkileşimde bulunan günümüz Uygurları kendine özgü kültürel bir miras geliştirmiştir. Bu kitap, Uygur halkının bazı önemli kültürel miraslarının ayrıntılı olarak kayda geçirilmesine adanmıştır.
Uygur gelenekleri ile örf ve âdetleri, zaman içinde gelişerek bugünkü kimliğini kazanmış bir kültürün asıl anıtıdır. Burada kaydedilen toplumsal gelenek ve görenekler, örf ve âdetler ile davranış kalıpları, uzun tarihi köklere dayanmaktadır. Tıpkı herhangi bir insan toplumunda olduğu gibi, Uygur toplumunun örgütlenme şekli de kolektif bir grubun toplumsal tercihini ve çağın zaruri ihtiyaçlarını yansıtmaktadır. Atalardan miras kalan geleneklerin ve kostümlerin birçok yönü şimdi modern bir etnik kimliği tanımlamak için yardım eli uzatıyor. Canlı gelenekler ve onların öykülerinin bu eşzamanlı topluluğun, birçok törenlerini anlamlandırmak için bir araçtır ve töreler modern Uygur kimliğinin de özünü oluşturur.

The Concise Encyclopedia of Modern Uyghur Social Customs and Traditions

This Encyclopedia is a brief reference book on the Uyghur social customs and traditions. The Uyghurs are a Turkic ethnic group living in Eastern and Central Asia. Unlike their nomadic neighbours, the Uyghur have had a settled civilization for more than thousand years. The modern Uyghur homeland situated at the cross roads of Eurasian Continent, benefited from the civilizations of the old world that passed through the terrain via the ancient trade routs, giving the resultant culture a diverse hue and rich expression. Building on the existing pre-historic local and non-local cultures, the Uyghur of today cultivated a distinctive cultural heritage. This book is dedicated to the detailed recording of some of the important cultural inheritance of the Uyghur people.
Uyghur customs and their stories are the original memorial to a culture that has evolved overtime and acquired its present identity. The social customs and traditions or behavioural standards recorded here has long historical roots and contemporary relevance. Just like in any human society, the way Uyghur society is organised reflects the communal preference of a collective group and the empirical need of each age. Many aspects of those inherited traditions and costumes are now lending a helping hand in defining a modern ethnic identity. this synchronic collection of living traditions and their stories is a tool for making sense of many rituals and rites now form the core of the modern Uyghur identity.