Uyghur Yilnamisi

Uyghur Yilnamisi (Uyghur Chronology)


Uyghur Yilnamisi (Uyghur Chronology)




«ئۇيغۇر يىلنامىسى» نەشىردىن چىقتى
باشلانغۇچ تارىختىن 1985- يىلىغىچە ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەر خاتىرىسى «ئۇيغۇر يىلنامىسى» لوندوندا نەشىر قىلىندى. بۇ يىلنامىنى پۈتۈنلەي ئانا يۇرتتىكى تارىخچى ئەدىپلەرنىڭ كىتاب، ماقالىلىرىدىن پايدىلىنىلغان بولۇپ، بۇ كىتابنى يېزىشقا يىل 12 ۋاقىت كەتكەن. ئانا يۇرت تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقە ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار يورۇتۇپ بېرىلگەن، ئاممىباب، ئەتىراپلىق كۆپ مەنبە ۋە مەزمۇنلۇق كىچىك قامۇس خاراكتېرلىك ئەپچىل ۋە ئىشلىتىلىشچان قوللانمىدۇر.
كىتاب پەقەت 250 پارچە بېسىلدى. سانى ھەقىقەتەن چەكىلك ،

ئۇشبۇ كىتابنى توردىن سېتىۋالماقچى بولسېڭىز توۋەندىكى كونۇپكىنى بېسىڭ. پوچتا ھەققى ئېلىنمايدۇ.

Please click the button to buy the book, postage included

The Uyghur chronology has been written to provide an ordering of past material culture into a meaningful time sequence of Uyghur history from the very beginning till 1985 and cultural entities.
Uyghur Chronology offers newsworthy happenings from the very beginning. The events used in this interactive timeline were chosen on the basis of importance at the time, and continuing significance for Uyghur History, Culture and today.
Uyghur Chronology is an Uyghur Factfinder at the same time, this book provides the quickest and answers to facts on Uyghur. With more up-to-date facts and figures than any similar book, The Uyghur Chronology is a storehouse of general and not-so-general knowledge for anyone needing information on Uyghur. The information is clearly presented in the form of Chronological and categorized order. Its logical ordering and coherent index makes this the most user-friendly source of information available. Over 900 pages of up-to-date information Covers all areas of Uyghur knowledge over the history on people, culture, geography, facts and figures ensuring rapid information retrieval”
The Uyghur Chronology is a very useful reference for anyone doing research into many subject on Uyghur. It has a whole host of current and historical information. This is definitely a recommended reference for anyone’s library who does any sort of writing or research work on Uyghur. It is interesting to browse through, as well as a quick useful reference.

Uyghur Yilnamisi (Uyghur Chronology and Factfinder)

Uyghur Yilnamisi -Uyghur Chronology and Factfinder

ئاپتوردىن
يىلنامە كۆپىنچە تىللاردا كرونولوگىيە «Chronology» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. بۇ لاتىچە « Chronologia » دىن كەلگەن. بۇ سۆزنىڭ ئۆزىمۇ قەدىمكى گېرىك تىلىدىكى ۋاقتنى بىلدۈرىدىغان «chronos» بىلەن ئىلىمنى بىلدۈرىدىغان «logia» دېگەن ئىككى سۆزدىن تەركىب تاپقان ياسالما سۆز بولۇپ ، يۈز بەرگەن ھادىسىلەر ۋاقتىنى تەرتىبلەش ئىلمى كۆزدە تۇتىلىدۇ. كىشىلەر ھازىرقى زامان يىلنامىشۇناشلىقىدا، فرانسىيەلىك موللام ۋە ئىلىم ئەھلى جوسېف سكالىگەرنىڭ 1583- يىلى يازغان كىتاۋى «De Emendatione Temporum» دىكى «جۇلىيەن ۋاقتى»سىستېمىسىنى چىقىش قىلغان. بۇ سىستېما پەقەت 18- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندىلا ئەنگىلىيەدە قوبۇل قىلىنىپ ئاندىن يىلنامىچىلىق كۆزگە كۆۈرنۈشكە باشلىغان. كەڭ كۆلەملىك يىلنامە تەتقىقاتى 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىلا ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتابلار نەشىر قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان. شۇندىن بېرى يىلنامىشۇناشلىق بىر ئىلىم سۈپتىدە سېستىمىلىشىپ، نەزىرىيەۋى ئاساسىنى ھاسىل قىلغان بىر پەن بولۇپ شەكىللەنگەن.
بىزدىكى يىلنامىچىلىكتىن سۆز ئېچىشقا توغرا كەلسە مەن « تۈركىي تىللار دىۋانى » تىلغا ئېلىنغان مۇنۇ ھېكايىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمەن.
تۈرك قاغانلىرىدىن بىرى ئۆزىدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن بىر ئۇرۇشنى ئۆگەنمەكچى بولغان. بۇنىڭدا ئۇرۇش بولۇپ ئۆتكەن يىلنى ئېنىقلاشتا خاتالاشقان، قۇرۇلتايدا مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، خاقان خەلققە ياۋا ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا قاراپ ھەيدەتكۈزگەن. بىر مۇنچە ھايۋانلار ئۆزلىرىنى سۇغا ئاتقان. ئۇلاردىن ئون ئىككى خىلى سۇدىن ئۈزۈپ ئۆتكەن. ئەنە شۇ ئون ئىككى ھايۋاننىڭ ئىسمى ئون ئىككى يىلغا ئات قىلىپ قويۇلغان. مەخمۇت قاشىغەرى ئېيتىدۇكى: بۇ كىتابنى يازغان يىلىمىز تۆت يۈز ئاتمىش ئالتىنچى يىلىنىڭ مۇھەررەم ئېيى بولۇپ يىلان يىلى كىرگەن ئىدى. بۇ يىل ئۆتۈپ تۆت يۈز ئاتمىش يەتتىنچى يىلغا قەدەم قويغاندا، ئات يىلى كىرىدۇ. يىل ھېساۋى بىز كۆرسەتكەن مۇشۇ تەرتىپ بويىچە بولىدۇ. ئايلارنىڭ ئىسمىغا كەلسەك، شەھەرلەردە ئەرەبچە ئاي ئىسىملىرى قوللىنىلىدۇ. كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ، مۇسۇلمان بولمىغان تۈركلەر يىلنى تۆت پەسىلگە بۆلۈپ ھەر ئۈچ ئاينى بىر نام بىلەن ئاتايدۇ. (تۈركىي تىللار دىۋانى 451-452- بەتلەرگە قاراڭ )
«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە تىلغا ئالغان « بۇ يەردە ئېرادىن مىڭ يىل ئىلگىرى، ئۇيغۇرلار يىلنامە ياراتقانىدى »(«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 6- توم 781-بەت) ئىبارىسى بەلكى باشقا مەنبەلەر بىلەن بىرگە « تۈركىي تىللار دىۋانى »قەيت قىلىنغان يۇقارقى مەزمۇنلارنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك .
ئۇيغۇرلاردا يىلنامە مۇنداق ئىككى خىل ئاتالغۇ بىلەن ئىستىمال قىلىنماقتا. 1. يىلنامە ؛ يىل تەرتىپى بويىچە يېزىلغان ۋەقە-ھادىسىلەر تارىخى ؛ يىل تەرتىپى بويىچە يېزىلغان تارىخىي خاتىرىلەر. 2. سالنامە؛ يىل تەرتىپى بويىچە يېزىلغان ۋەقە، ھادىسىلەر تارىخى. يۇقارقى ئىككى سۆز ئۇقۇم جەھەتتىن بەك كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.
يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان بايانلار مەيلى يىلنامە قارىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەكس ئەتتۇرۇپ بەرگەن بولسۇن ياكى يىلنامىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىكى ئىستىمال ۋاقتىنى روشەنلەشتۈرۈلگەن بولسۇن، يىلنامە ئۇيغۇرلاردا پەقەت سالنامە تۈسىنى ئالغان ۋە مەلۇم بىر دەۋرنى چىقىش قىلغان ۋە ياكى ئاممىباب تارىخىي ۋەقەلەرنى ئاساس قىلىپ، ئىخچام يېزىلىپ كېلىۋاتىدۇ. چوڭ يىلنامىلەر كەم ئۇچرايدۇ. چوڭراق يىلنامە تۈسىنى ئالغىنىدىن «شىنجاڭ تارىخىي ماتېرياللىرى»نىڭ 26-، 27-، 28- قىسىملىرىنىڭ ئاخىرىدە قوشۇمچە قىلىپ بېرىلگەن سەيجىنسوڭنىڭ 1840- يىلىدىن 1949- يىلىغىچە ۋەقە-ھادىسىلەر بايان قىلىنغان «شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخدىكى چوڭ ۋەقەلەر يىلنامىسى»نى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 1985- يىلىدىن باشلاپ نەشىردىن چىقىپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭ يىلنامىسى» بولۇپ، گەرچە يىلنامە دە ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بولسېمۇ ئۇ مەلۇم بىر يىلنى مەركەز قىلغان بولۇپ، يىلنامە دېگەندىن بەكرەك يىللىق كىتاب ياكى يىللىق (ئىسىم) دەپ ئالغان تۈزۈك، چۈنكى «شىنجاڭ يىلنامىسى» ئۆتكەن بىر يىلدا بولۇپ ئۆتكەن ياكى يۈز بەرگەن ئەھۋال- ۋەقەلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ( شىنجاڭ يىلنامىسى 2005، تەھرىر ئىلاۋىسى، دەسلەپكى 13- بەتكە قاراڭ.)
قولىڭىزدىكى بۇ يىلنامىنى رەتلەپ، سىستېمىلاشتۇرۇپ، مەنتىقىلىق، باغلىنىشچان بىر پۈتۈن ئەسەر شەكلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەقلى، جىسمانى ۋە مەنىۋى ئەجرىمدىن سىرت، يەنە ھاياتىمدىكى ئىزدىنىش ۋە خىرىس بىلەن توشقان قىممەتلىك 12 يىل ۋاقتىم كېتىپتۇ. مەزكۇر كىتابنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش جەرياندا پايدىلانغان، ئىزدەنگەن ۋە كۆرگەن ماتېرىياللارنىڭ تىزىملىكىنى، مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرگە ئائىت يىل، ئاي ۋە شارائىت يار بەرگەنلىرىنىڭ كۈنلىرىمۇ ئېلىنىپ، كىچىك تىرناق بىلەن شەرھىلەندى. گەرچە كىتابقا سىڭدۈرۈلگەن ئەجر، سەرپ قىلىنغان ۋاقىت ئۈزۈلمەي بىر رىتىمدا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بېسىپ ئۆتكەن قىسمەن باسقۇچلاردىكى نۇقتىلارنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى تۇغرا تاپتىم. يىلنامىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈتكىنىمدىن كۆپرەك ئەمگەك سىڭدۈرۈشكە تۇغرا كەلدى. تېپىلىش مۈمكىنىچلىگى بولغان بارلىق تارىخى يازمىلارنى ئېرىنمەي تەپسىلى كۆرۈپ چىقىش، مۇناسىۋەتلىك تارىخى ۋەقەلەرنى توپلاش، تەپسىلى خاتىرە قالدۇرۇش، سېلىشتۇرۇش، تەرتىبلەشتۈرۈپ تىزىپ چىقىش ئارقىلىق كىتاب ھالىتىگە كەلتۈرۈشتىن باشقا، ئىككىنچى باسقۇچتا مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ تەنقىدىي ۋە ئەقلانى پىكىرلىرىنىڭ ياردىمىدىن مەنپەئەتلەندىم.
2007-يىلىنىڭ باشلىرىدا، كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن، جۈملىدىن خەلق ئارىسىدا تۇنۇلغان تارىغچىلار، ئەدىبلەردىن بولۇپ ئون نەچچە كىشى (ئارىسىدا تارىخ پەنلىرى دوكتورى، تارىخ پەنلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى دوكتور ۋە ئەدىبلەر بار ) بىلەن تېلېفون ۋە تورخەت (ئېلخەت) ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئاغزاكى بەرگەن رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن كىتابنىڭ دەسلەپكى ئورىگىنالىنى ھەر بىر زىيالىيغا بىر نۇسخىدىن ئەۋەتىپ بەردىم. ئورگىنال ئەۋەتىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي يۇقىرىقى ئەدىبلەرنىڭ بىرىدىن قىممەتلىك پىكىرلەر بىلەن تولغان بىباھا ئىنكاس كەلگەندىن سىرت، باشقىلاردىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر بۇ قوليازمىغا ئائىت ھېچ قانداق ئۇچۇر ئالالمىدىم. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ سۈكۈت قىلىشىدا ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىرى باردۇر، بۇ يەردە دانا زىيالىيلىرىمىز نېمە ئۈچۈن جاۋاپ قايتۇرمىدى دېگەن مەسلە ئۇستىدە پەرەز قىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى زايا قىلماي. قىسقىسى، ئۇلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئاڭلاش نېسىپ بولغان بولسا نۇرغۇن ئورۇنسىز نۇقسانلاردىن ساقلىنالىشىم مۇمكىنىدى بەلكىم.
گەرچە يۇقىرىقى زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، كېيىنچە ۋەتەندىن بىريتانىيەگە بېلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن زىيالىيلىرىمىزدىن بىرىگە ھاۋالە قىلىپ، كىتابىمنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا ئەۋەتىپ، شۇ يەردە نەشىر قىلدۇرۇش ئىستىگىمىنى بايان قىلدىم. مەزكۇر ئالىم پىكرىمنى ئورۇنلۇق دەپ قاراپ، مېنى سىناپ كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈردى ۋە كېيىن لوندوندىكى ئوقۇشى ئاياغلىشىپ ۋەتەنگە قايتىشىدا كىتابىنىڭ ئارىگىنالىدىن بىر نۇسخا كۆپەيتىپ ۋەتەنگە ئېلىپ كېتىپ، نەشىرىياتلار بىلەن ئالاقە قىلىپ بېقىشقا ماقۇل بولدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي كەلگەن خەۋەرلەردىن بىلىشىمچە، مۇناسۋەتلىك نەشرىيات مەسئۇللىرى مەزكۇر يىلنامىنىڭ ئورىگىنالىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ تىپتىكى ھەجمى چوڭ، مەزمۇنى مول ئەسەرلەرنى بىر شەخس ئەمەس، بىر يىلنامە يېزىش گۇرۇپپىسى تۈزۈشكە تېگىشلىك بۈيۈك ئىلمىي خىزمەت دەپ، ئورىگىنالنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكولىتىتىغا ئېلىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.
بۇ خەۋەرنى ئالغىلى 5-6 يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، شۇندىن بىرى مەزكۇر كىتابنىڭ تەقدىرى ۋە بۈگۈنكى ھالىتى ھەققىدە ھېچ بىر يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمىدىم. ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ، 2012- يىلى دېكابىر ئايلىرىدا مەزكۇر كىتابىمنىڭ بىر قىسىم بۆلۈملىرىنى توردا ئۇچرىتىپ، بىر تەرەپتىن ھەيران قالدىم ۋە سەل تەمتىرەپ قالدىم. ئەلۋەتتە، ھازىرقى ئەسەر توردىكى بۇ نۇسخا بىلەن روشەن پەرقلىنەتتى. 2007 يىلىدىن بۇيان كۆپ تۈزىتىلىپ، قايتا-قايتا ئىشلەنگەنلىكى ئۈچۈن، مەن ئەۋەتكەن ئەينى چاغدىكى نۇسخا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇ چاغدىكى نۇسخىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ تولۇقلىنىپ مەيلى مەزمۇنىدىن بولسۇن، ياكى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن روشەن پەرقلەنسىمۇ، ئەمما بىر ئىلمىي ئەمگەكنىڭ خالىغانچە سۇيئىستىمال قىلىنىشى روھىمغا تەسىر قىلىپ، كۆڭلۈم بىئارام بولدى.
شۇندىن بۇيان مەزكۇر كىتاپ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان بولدۇم، نەتىجىدە، كۆرىدىغان ماتېرىياللار، تولۇقلايدىغان مەزمۇنلار، ۋە يىلنامىدىكى مەزمۇنلارنىڭ مەنبەسى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشىم كۆپەيدى.
كۆرۈپ تۇرۇپسىز كۆپ ئەجر بەدىلىگە، مەزكۇر يىلنامىغا تۇتۇش قىلغاندىن بىرى 12 يىللىق جاپالىق ئىزدىشىم ۋە تىرىشىشنىڭ مول ھوسۇلى سۈپىتىدە بۇ كىتاپ ئاخىرى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش شەرىپىگە ئېرىشتى. ئەسەرنىڭ مەزمۇنى كىتابقا ئىشلىتىلگەن پايدىلىنىش ماتېرىيالىنى ئوقۇش جەريانىدا يېزىپ قالدۇرغان تارىخىي ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك يىل، ئاي، كۈنلەرنى ئاساسى قىلغان ھالدا تۈزۈپ چىقىلدى. كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ۋەقە-ھادىسىلەرنى بايان قىلىش ئامال بار ئۇشبۇ ۋەقە تىلغا ئېلىنغان كىتاب ۋە ماقالىلەردىكى ئۇشبۇ بايانلارنى ئۆز پېتى ياكى شۇنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئەدەبىي تەسۋىرلەر قىسقارتىلىپ ئېلىندى.

ئۇشبۇ يىلنامىنى قولۇمدا مەۋجۇت ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، چامىمنىڭ يېتىشىچە مەزكۇر يىلنامىدە تىلغا ئېلىنغان ۋەقە-ھادىسىلەر پايدىلانمىلاردا تىلغا ئېلىنغان ماقالە-كىتابلاردا خاتىرىلەنگەن ئەڭ بۇرۇنقى ئۆتمۈشتىن باشلاپ 1985- يىلىغىچە بولغان تارىخىي ۋەقەلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، 1985-يىلدىن كېيىنكى جەريان ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپرەك ئىزدىنىشىمگە ۋە يامان كۆپماتېرىيال كۆرۈشۈمگە توغرا كەلگەنلىكتىن چامىمنىڭ يېتىشىچە بولغان 1985- يىلىغىچە يېزىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم.
بىر مىللەتنىڭ تارىخى يىلنامىسىنى يېزىپ چېقىش قوپۇپلا يازغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس ئىكەنلىكىنى كىتابنى يېزىپ مەلۇم قىسمىغا كەلگەندىلا ئاندىن ھېس قىلدىم. مۇرەككەپ تارىخىي ۋەقەلەر بىر بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ ئوخشاش بولمىغان تارىخچىلار، تەتقىقاتچىلار ۋە ئەدىبلەر ئوخشاش ۋەقە-ھادىسىلەرنى ئوخشىمىغان يىللاردا بايان قىلغان بولۇپ بەزى ۋەقە- ھادىسىلەرنىڭ ئورتاق قوبۇل قىلغان يىلىنى تېپىش ئاسانغا چۈشمىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە كىتابلارنى كۆرۈشكە توغرا كەلدى. ناھايىتى ئاز ساندىكى بەزى ۋەقەلەر ئىككى يىلدا تەكرار ئېلىندى.
يىلنامە ئۈچۈن پايدىلانغان ئەسەرلەر ئاساسەن مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتاب ماقالىلەر بولۇپ، مۇئەللىپلىرى كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىيلار، تارىخچىلار بىلەن تارىخى شەخسلەر بولۇپ، بەزىلىرى مەلۇم تارىخىي دەۋر ياكى مەلۇم تارىخىي ساھەلەرنىڭ مۇتەخەسىسلىرى ۋە ياكى شۇ ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ تىرىك شاھىدلىرى بولۇپ يىلنامە ئۈچۈن بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ بەردى.
كىتابتا بايان قىلىنغان ۋەقە-ھادىسىلەر مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئۇشبۇ ۋەقە-ھادىسە ئاخىرىغا تىرناق ئىچىدە بېرىلدى. پۈتۈن يىلنامە باشتىن-ئاخىر ئاپتورلارنىڭ بايانلىرىنى مەركەز قىلغان بولۇپ، ۋەقە-ھادىسىلەر مۇمكىنقەدەر مەزكۇر ئاپتورنىڭ ئۆز پىكىر ئۇسلۇبلىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا يېزىلدى.
ئۇيغۇر يىلنامىسى بۇندىن بۇرۇن بۇ كۆلەمدە يېزىلىپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن، يىلنامە دائىرىسى ھەققىدە چەكلىمىلەرنىڭ دائىرىسى ئېنىق بەلگىلەنمىگەن، بېرىلگەن مەزمۇنلار ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرى ۋە يىلنامە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوقۇغان بەزى كىتابلارنى چىقىش قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈم يىلنامىدە بولۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان مەزمۇنلار يىلنامىدىن ھالقىپ قوشۇمچە سۈپىتىدە بېرىلدى. قوشۇمچىلار جەمئىي 60 ئەتراپىدا بولۇپ بىۋاسىتە ئۇيغۇرلار تارىخىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارىخىي شەخسلەر، تارىخىي ۋەقەلەر، تارىخىي كېلىشىملەر، قوشنا ئەللەرنىڭ تارىخىي شەخسلىرى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دېۋىزىيىسى، ۋىلايەت، ناھىيە، شەھەرلەر ئۇچۇرلىرى، ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىغان شەخسلەر، ۋەقە ۋە ھادىسىلەر كاتېگورىيەلەشتۈرۈلۈپ بېرىلدى
يىلنامىنىڭ قوشۇمچىلىرىدا يەنە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ يېتۈك نامايەندىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى غەزىنىسى سۈپىتىدە ئەسىرلەر بويىچە بېرىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى 40 يىللىق نەشرىيات تارىخىدىكى قىسمەن كىتابلارنىڭ ئاپتورلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلىك نەشر ئۇچۇرلىرى بېرىلدى.
مەزكۇر كىتابنى تۈزۈش جەريانىدا توپلاپ رەتلىگەن بىر قىسىم تارىخى شەخسلەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە كىچىككىنە تارىخ لۇغىتىمۇ قوشۇمچە قىلىپ بېرىلگەن بولۇپ، يىلنامىدا تىلغا ئېلىنغان تارىخىي شەخس ۋە تارىخ ئاتالغۇلىرىنىڭ تېخىمۇ چۈشۈنۈشلۈك بولىشىغا تۈرتكە بولىدۇ دەپ قارايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن تارىخچىلارۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىممەتلىك پىكىر بېرىشىنى ۋە شۇ ئارىلىق تېخىمۇ تولۇق تارىخ لۇغىتىنىڭ روياپقا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەزكۇر يىلنامە كەڭ ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىققۇچىلارنى چىقىش قىلىپ يېزىلدى. كىتاب كۆپ مەنبەلىك ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرگە، بۇ بىر ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىدۇر. مەزكۇر كىتابھەر قايسى ساھە ۋە كەڭ كىتابخانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئاممىباب تىلدا بايان قىلىنغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېردىكى پايدىلانما ئەسەر بولۇش بىلەنلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭمۇئەييەن تارىخىي ۋە شۇنى چۆرىدىگەن ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھادىسىلىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھە ۋە ئورۇنلىرىدىكى كەڭ ئاممىغا باب بىر ئەسەردۇر.
كىتابخانلارنىڭ تىلغا ئېلىنغان ۋە بايان قىلىنغان ۋەقە-ھادىسىلەرگە قارىتا ئىلمىي نۇقتىدا تۇرۇپ، تارىخىي ۋەقەلەردىكى رېئاللىقلارنى چىقىش قىلىپ، شۇ دەۋر ۋە شۇ ۋەقەلەرنى بايان قىلغۇچىلارنىڭ مەۋقەسىنى دەڭسەپ ئەقلىي پوزىتسىيىدە تۇرۇپ پايدىلىنىشى ئۈمىد قىلىمەن.
مەزكۇر يىلنامە 2004- يىلىنىڭ باشلىرى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، 2016- يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۈگىتىشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. كىتاب يېزىلىپ نەشىرگە تەييار بولۇش جەريانىدا ماڭا ھەرقايسى جەھەتلەردە ياردەملەردە بولغان دوستلىرىمغا رەخمىتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە كىتاپنى باشتىن ئاخىرى ئېرىنمەي كۆرۈپ، قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ۋە ئىلمىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كىتاپنىڭ تېخمۇ ئىلمىي روياپقا چىقىشغا ياردەم قىلغان دوكتۇر ئامىر سەيدۇللا ئەپەندىگە كۆپ تەشەككۈرۈمنى بىلدۇرىمەن.
يىلنامە بىلىمىم چەكلىك، تارىخ بىلىملىرىم كەمچىل بولغاچقا كىتابتا كۆرۈلىدىغان كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنىڭ مانا مەن دەپ چېقىپ تۇرۇشى روشەن. كىتابخانلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئايىماي بېرىپ كىتابنىڭ مۇكەممەل بۆلىشى ئۈچۈن ھەمدەمدە بۆلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
2016-يىلى6-ئاي.
لوندون

Aptordin
Yilname köpinche tillarda kronologiye «Chronology» dep atilip kelmekte. Bu latiche « Chronologia » din kelgen. Bu sözning özimu qedimki gérik tilidiki waqtni bildüridighan «chronos» bilen ilimni bildüridighan «logia» dégen ikki sözdin terkib tapqan yasalma söz bolup , yüz bergen hadisiler waqtini tertiblesh ilmi közde tutilidu. Kishiler hazirqi zaman yilnamishunashliqida, fransiyelik mollam we ilim ehli joséf skaligerning 1583- yili yazghan kitawi «De Emendatione Temporum» diki «juliyen waqti»sistémisini chiqish qilghan. Bu sistéma peqet 18- esirning bashlirigha kelgendila en’giliyede qobul qilinip andin yilnamichiliq közge köürnüshke bashlighan. Keng kölemlik yilname tetqiqati 20- esirning 30- yilliridila ewj élishqa bashlighan we munasiwetlik kitablar neshir qilinip élan qilin’ghan. Shundin béri yilnamishunashliq bir ilim süptide séstimiliship, neziriyewi asasini hasil qilghan bir pen bolup shekillen’gen.
Bizdiki yilnamichiliktin söz échishqa toghra kelse men « türkiy tillar diwani » tilgha élin’ghan munu hékayini diqqitinglargha sunimen.
Türk qaghanliridin biri özidin bir nechche yil burun bolup ötken bir urushni ögenmekchi bolghan. Buningda urush bolup ötken yilni éniqlashta xatalashqan, qurultayda meslihetleshkendin kéyin, xaqan xelqqe yawa haywanlarni ili deryasigha qarap heydetküzgen. Bir munche haywanlar özlirini sugha atqan. Ulardin on ikki xili sudin üzüp ötken. Ene shu on ikki haywanning ismi on ikki yilgha at qilip qoyulghan. Mexmut qashigheri éytiduki: bu kitabni yazghan yilimiz töt yüz atmish altinchi yilining muherrem éyi bolup yilan yili kirgen idi. Bu yil ötüp töt yüz atmish yettinchi yilgha qedem qoyghanda, at yili kiridu. Yil hésawi biz körsetken mushu tertip boyiche bolidu. Aylarning ismigha kelsek, sheherlerde erebche ay isimliri qollinilidu. Köchmen turmush kechüridighan , musulman bolmighan türkler yilni töt pesilge bölüp her üch ayni bir nam bilen ataydu. (türkiy tillar diwani 451-452- betlerge qarang )
«uyghur tilining izahliq lughiti»de tilgha alghan « bu yerde éradin ming yil ilgiri, uyghurlar yilname yaratqanidi »(«uyghur tilining izahliq lughiti» 6- tom 781-bet) ibarisi belki bashqa menbeler bilen birge « türkiy tillar diwani »qeyt qilin’ghan yuqarqi mezmunlarni közde tutqan bolsa kérek .
Uyghurlarda yilname mundaq ikki xil atalghu bilen istimal qilinmaqta. 1. Yilname ; Yil tertipi boyiche yézilghan weqe-hadisiler tarixi ; Yil tertipi boyiche yézilghan tarixiy xatiriler. 2. Salname; Yil tertipi boyiche yézilghan weqe, hadisiler tarixi. Yuqarqi ikki söz uqum jehettin bek köp perqlinip ketmeydu.
Yuqarda tilgha élin’ghan bayanlar meyli yilname qarishining muhimliqini eks etturup bergen bolsun yaki yilnamining uyghurlarning tarixidiki istimal waqtini roshenleshtürülgen bolsun, yilname uyghurlarda peqet salname tüsini alghan we melum bir dewrni chiqish qilghan we yaki ammibab tarixiy weqelerni asas qilip, ixcham yézilip kéliwatidu. Chong yilnamiler kem uchraydu. Chongraq yilname tüsini alghinidin «shinjang tarixiy matéryalliri»ning 26-, 27-, 28- qisimlirining axiride qoshumche qilip bérilgen seyjinsongning 1840- yilidin 1949- yilighiche weqe-hadisiler bayan qilin’ghan «shinjangning yéqinqi zaman tarixdiki chong weqeler yilnamisi»ni tilgha élip ötüshke bolidu. Uningdin bashqa 1985- yilidin bashlap neshirdin chiqip kéliwatqan «shinjang yilnamisi» bolup, gerche yilname de atilip kéliwatqan bolsému u melum bir yilni merkez qilghan bolup, yilname dégendin bekrek yilliq kitab yaki yilliq (isim) dep alghan tüzük, chünki «shinjang yilnamisi» ötken bir yilda bolup ötken yaki yüz bergen ehwal- weqelerning munasiwetlik uchurlirini bayan qilip béridu. ( shinjang yilnamisi 2005, tehrir ilawisi, deslepki 13- betke qarang.)
Qolingizdiki bu yilnamini retlep, sistémilashturup, mentiqiliq, baghlinishchan bir pütün eser sheklige keltürüsh üchün singdürgen eqli, jismani we meniwi ejrimdin sirt, yene hayatimdiki izdinish we xiris bilen toshqan qimmetlik 12 yil waqtim kétiptu. Mezkur kitabni wujutqa chiqirish jeryanda paydilan’ghan, izden’gen we körgen matériyallarning tizimlikini, munasiwetlik weqelerge a’it yil, ay we shara’it yar bergenlirining künlirimu élinip, kichik tirnaq bilen sherhilendi. Gerche kitabqa singdürülgen ejr, serp qilin’ghan waqit üzülmey bir ritimda élip bérilghan bolsimu, bésip ötken qismen basquchlardiki nuqtilarni oqurmenler bilen ortaqlishishni tughra taptim. Yilnamini wujutqa keltürüsh üchün kütkinimdin köprek emgek singdürüshke tughra keldi. Tépilish mümkinichligi bolghan barliq tarixi yazmilarni érinmey tepsili körüp chiqish, munasiwetlik tarixi weqelerni toplash, tepsili xatire qaldurush, sélishturush, tertibleshtürüp tizip chiqish arqiliq kitab halitige keltürüshtin bashqa, ikkinchi basquchta munasiwetlik shexsler bilen alaqiliship, ularning tenqidiy we eqlani pikirlirining yardimidin menpe’etlendim.
2007-yilining bashlirida, közge körün’gen uyghur ziyaliyliridin, jümlidin xelq arisida tunulghan tarighchilar, ediblerdin bolup on nechche kishi (arisida tarix penliri doktori, tarix penliri bilen munasiwetlik sahelerdiki doktor we edibler bar ) bilen téléfon we torxet (élxet) arqiliq alaqiliship, ularning aghzaki bergen raziliqini alghandin kéyin kitabning deslepki originalini her bir ziyaliygha bir nusxidin ewetip berdim. Orginal ewetilip, uzun ötmey yuqiriqi ediblerning biridin qimmetlik pikirler bilen tolghan bibaha inkas kelgendin sirt, bashqilardin taki bügün’ge qeder bu qolyazmigha a’it héch qandaq uchur alalmidim. Elwette, ularning süküt qilishida özlirining asasliri bardur, bu yerde dana ziyaliylirimiz néme üchün jawap qayturmidi dégen mesle ustide perez qilip oqurmenlerning qimmetlik waqtini zaya qilmay. Qisqisi, ularning qimmetlik pikirlirini anglash nésip bolghan bolsa nurghun orunsiz nuqsanlardin saqlinalishim mumkinidi belkim.
Gerche yuqiriqi ziyaliylirimizning iltipatigha érishelmigen bolsammu, kéyinche wetendin birytaniyege bélim ashurush üchün kelgen ziyaliylirimizdin birige hawale qilip, kitabimni shinjang xelq neshriyatigha ewetip, shu yerde neshir qildurush istigimini bayan qildim. Mezkur alim pikrimni orunluq dep qarap, méni sinap körüshke righbetlendürdi we kéyin londondiki oqushi ayaghliship weten’ge qaytishida kitabining ariginalidin bir nusxa köpeytip weten’ge élip kétip, neshiriyatlar bilen alaqe qilip béqishqa maqul boldi. Aridin uzun ötmey kelgen xewerlerdin bilishimche, munaswetlik neshriyat mes’ulliri mezkur yilnamining originalini körgendin kéyin, bu tiptiki hejmi chong, mezmuni mol eserlerni bir shexs emes, bir yilname yézish guruppisi tüzüshke tégishlik büyük ilmiy xizmet dep, originalni shinjang uniwérsitéti tarix fakolititigha élip ketkenliki melum boldi.
Bu xewerni alghili 5-6 yil bolup qalghan bolsimu, shundin biri mezkur kitabning teqdiri we bügünki haliti heqqide héch bir yip uchigha érishelmidim. Aridin bir qanche yil ötüp, 2012- yili dékabir aylirida mezkur kitabimning bir qisim bölümlirini torda uchritip, bir tereptin heyran qaldim we sel temtirep qaldim. Elwette, hazirqi eser tordiki bu nusxa bilen roshen perqlinetti. 2007 yilidin buyan köp tüzitilip, qayta-qayta ishlen’genliki üchün, men ewetken eyni chaghdiki nusxa bilen sélishturghanda, u chaghdiki nusxisigha qarighanda téximu toluqlinip meyli mezmunidin bolsun, yaki süpet jehettin bolsun roshen perqlensimu, emma bir ilmiy emgekning xalighanche suy’istimal qilinishi rohimgha tesir qilip, könglüm bi’aram boldi.
Shundin buyan mezkur kitap üchün téximu köp waqit serp qilidighan boldum, netijide, köridighan matériyallar, toluqlaydighan mezmunlar, we yilnamidiki mezmunlarning menbesi üstidiki izdinishim köpeydi.
Körüp turupsiz köp ejr bedilige, mezkur yilnamigha tutush qilghandin biri 12 yilliq japaliq izdishim we tirishishning mol hosuli süpitide bu kitap axiri oqurmenler bilen yüz körüshüsh sheripige érishti. Eserning mezmuni kitabqa ishlitilgen paydilinish matériyalini oqush jeryanida yézip qaldurghan tarixiy weqelerge munasiwetlik yil, ay, künlerni asasi qilghan halda tüzüp chiqildi. Kitabta tilgha élin’ghan weqe-hadisilerni bayan qilish amal bar ushbu weqe tilgha élin’ghan kitab we maqalilerdiki ushbu bayanlarni öz péti yaki shuni chöridigen asasta edebiy teswirler qisqartilip élindi.

Ushbu yilnamini qolumda mewjut matériyallardin paydilinip, chamimning yétishiche mezkur yilnamide tilgha élin’ghan weqe-hadisiler paydilanmilarda tilgha élin’ghan maqale-kitablarda xatirilen’gen eng burunqi ötmüshtin bashlap 1985- yilighiche bolghan tarixiy weqelerni asas qilghan bolup, 1985-yildin kéyinki jeryan üchün téximu köprek izdinishimge we yaman köpmatériyal körüshümge toghra kelgenliktin chamimning yétishiche bolghan 1985- yilighiche yézishqa muweppeq boldum.
Bir milletning tarixi yilnamisini yézip chéqish qopupla yazghili bolidighan ish emes ikenlikini kitabni yézip melum qismigha kelgendila andin hés qildim. Murekkep tarixiy weqeler bir birige gireliship ketken bolup oxshash bolmighan tarixchilar, tetqiqatchilar we edibler oxshash weqe-hadisilerni oxshimighan yillarda bayan qilghan bolup bezi weqe- hadisilerning ortaq qobul qilghan yilini tépish asan’gha chüshmidi, buning üchün xenzuche, in’glizche we türkche kitablarni körüshke toghra keldi. Nahayiti az sandiki bezi weqeler ikki yilda tekrar élindi.
Yilname üchün paydilan’ghan eserler asasen metbu’atlirimizda uyghur we xenzu tilida neshr qilin’ghan kitab maqaliler bolup, mu’ellipliri közge körün’gen ziyaliylar, tarixchilar bilen tarixi shexsler bolup, beziliri melum tarixiy dewr yaki melum tarixiy sahelerning mutexesisliri we yaki shu weqe-hadisilerning tirik shahidliri bolup yilname üchün birinchi qol matériyal bilen teminlep berdi.
Kitabta bayan qilin’ghan weqe-hadisiler munasiwetlik eserlerning aptorlirining isimlirini ushbu weqe-hadise axirigha tirnaq ichide bérildi. Pütün yilname bashtin-axir aptorlarning bayanlirini merkez qilghan bolup, weqe-hadisiler mumkinqeder mezkur aptorning öz pikir uslublirini saqlap qalghan asasta yézildi.
Uyghur yilnamisi bundin burun bu kölemde yézilip baqmighanliqi üchün, yilname da’irisi heqqide cheklimilerning da’irisi éniq belgilenmigen, bérilgen mezmunlar özümning qarashliri we yilname bilen munasiwetlik oqughan bezi kitablarni chiqish qilghanliqim üchün özüm yilnamide bolushqa tégishlik dep qarighan mezmunlar yilnamidin halqip qoshumche süpitide bérildi. Qoshumchilar jem’iy 60 etrapida bolup biwasite uyghurlar tarixiy bilen munasiwetlik tarixiy shexsler, tarixiy weqeler, tarixiy kélishimler, qoshna ellerning tarixiy shexsliri, ishlepchiqirish qurulush déwiziyisi, wilayet, nahiye, sheherler uchurliri, uyghurlar tarixida alahide orunda turidighan shexsler, weqe we hadisiler katégoriyeleshtürülüp bérildi
Yilnamining qoshumchilirida yene uyghur klassik edebiyatining yétük namayendiliri we ularning eserliri uyghur klassik edebiyati ghezinisi süpitide esirler boyiche bérilish bilen birlikte uyghurlarning 20-esirning kéyinki yérimidiki 40 yilliq neshriyat tarixidiki qismen kitablarning aptorlirini öz ichige alghan munasiwetlik neshr uchurliri bérildi.
Mezkur kitabni tüzüsh jeryanida toplap retligen bir qisim tarixi shexslerning qisqiche terjimihali we kichikkine tarix lughitimu qoshumche qilip bérilgen bolup, yilnamida tilgha élin’ghan tarixiy shexs we tarix atalghulirining téximu chüshünüshlük bolishigha türtke bolidu dep qaraymen. Buning üchün tarixchilarwe oqurmenlerning qimmetlik pikir bérishini we shu ariliq téximu toluq tarix lughitining royapqa chiqishini ümid qilimen.
Mezkur yilname keng uyghurlarni, uyghurlar we uyghur tarixigha qiziqquchilarni chiqish qilip yézildi. Kitab köp menbelik eser bolush süpiti bilen birge, bu bir ilmiy tetqiqat netijisidur. Mezkur kitabher qaysi sahe we keng kitabxanlarning paydilinishi üchün ammibab tilda bayan qilin’ghan uniwérsal xaraktérdiki paydilanma eser bolush bilenla qalmay, uyghurlarningmu’eyyen tarixiy we shuni chöridigen ijtima’iy we siyasiy hadisilirining yighindisi bolup, jem’iyetning her qaysi sahe we orunliridiki keng ammigha bab bir eserdur.
Kitabxanlarning tilgha élin’ghan we bayan qilin’ghan weqe-hadisilerge qarita ilmiy nuqtida turup, tarixiy weqelerdiki ré’alliqlarni chiqish qilip, shu dewr we shu weqelerni bayan qilghuchilarning mewqesini dengsep eqliy pozitsiyide turup paydilinishi ümid qilimen.
Mezkur yilname 2004- yilining bashliri qolgha élin’ghan bolup, 2016- yilning otturlirida tügitishke muweppeq boldum. Kitab yézilip neshirge teyyar bolush jeryanida manga herqaysi jehetlerde yardemlerde bolghan dostlirimgha rexmitimni bildürüsh bilen birge kitapni bashtin axiri érinmey körüp, qimmetlik pikirlirini we ilmiy qarashlirini otturigha qoyup kitapning téxmu ilmiy royapqa chiqishgha yardem qilghan doktur amir seydulla ependige köp teshekkürümni bildurimen.
Yilname bilimim cheklik, tarix bilimlirim kemchil bolghachqa kitabta körülidighan kemtüklük we yétersizliklerning mana men dep chéqip turushi roshen. Kitabxanlarning qimmetlik teklip pikirlirini ayimay bérip kitabning mukemmel bölishi üchün hemdemde bölishini ümid qilimen.
2016-yili6-ay.
London

Аптордин
Йилнамә көпинчә тилларда кронологийә «Chronology» дәп атилип кәлмәктә. Бу латичә « Chronologia » дин кәлгән. Бу сөзниң өзиму қәдимки герик тилидики вақтни билдүридиған «chronos» билән илимни билдүридиған «logia» дегән икки сөздин тәркиб тапқан ясалма сөз болуп , йүз бәргән һадисиләр вақтини тәртибләш илми көздә тутилиду. Кишиләр һазирқи заман йилнамишунашлиқида, франсийәлик моллам вә илим әһли җосеф скалигәрниң 1583- йили язған китави «De Emendatione Temporum» дики «җулийән вақти»системисини чиқиш қилған. Бу система пәқәт 18- әсирниң башлириға кәлгәндила әнгилийәдә қобул қилинип андин йилнамичилиқ көзгә көүрнүшкә башлиған. Кәң көләмлик йилнамә тәтқиқати 20- әсирниң 30- йиллиридила әвҗ елишқа башлиған вә мунасивәтлик китаблар нәшир қилинип елан қилинған. Шундин бери йилнамишунашлиқ бир илим сүптидә сестимилишип, нәзирийәви асасини һасил қилған бир пән болуп шәкилләнгән.
Биздики йилнамичиликтин сөз ечишқа тоғра кәлсә мән « түркий тиллар дивани » тилға елинған муну һекайини диққитиңларға сунимән.
Түрк қағанлиридин бири өзидин бир нәччә йил бурун болуп өткән бир урушни өгәнмәкчи болған. Буниңда уруш болуп өткән йилни ениқлашта хаталашқан, қурултайда мәслиһәтләшкәндин кейин, хақан хәлққә ява һайванларни или дәрясиға қарап һәйдәткүзгән. Бир мунчә һайванлар өзлирини суға атқан. Улардин он икки хили судин үзүп өткән. Әнә шу он икки һайванниң исми он икки йилға ат қилип қоюлған. Мәхмут қашиғәри ейтидуки: бу китабни язған йилимиз төт йүз атмиш алтинчи йилиниң муһәррәм ейи болуп йилан йили киргән иди. Бу йил өтүп төт йүз атмиш йәттинчи йилға қәдәм қойғанда, ат йили кириду. Йил һесави биз көрсәткән мушу тәртип бойичә болиду. Айларниң исмиға кәлсәк, шәһәрләрдә әрәбчә ай исимлири қоллинилиду. Көчмән турмуш кәчүридиған , мусулман болмиған түркләр йилни төт пәсилгә бөлүп һәр үч айни бир нам билән атайду. (түркий тиллар дивани 451-452- бәтләргә қараң )
«уйғур тилиниң изаһлиқ луғити»дә тилға алған « бу йәрдә ерадин миң йил илгири, уйғурлар йилнамә яратқаниди »(«уйғур тилиниң изаһлиқ луғити» 6- том 781-бәт) ибариси бәлки башқа мәнбәләр билән биргә « түркий тиллар дивани »қәйт қилинған юқарқи мәзмунларни көздә тутқан болса керәк .
Уйғурларда йилнамә мундақ икки хил аталғу билән истимал қилинмақта. 1. Йилнамә ; Йил тәртипи бойичә йезилған вәқә-һадисиләр тарихи ; Йил тәртипи бойичә йезилған тарихий хатириләр. 2. Салнамә; Йил тәртипи бойичә йезилған вәқә, һадисиләр тарихи. Юқарқи икки сөз уқум җәһәттин бәк көп пәрқлинип кәтмәйду.
Юқарда тилға елинған баянлар мәйли йилнамә қаришиниң муһимлиқини әкс әттуруп бәргән болсун яки йилнаминиң уйғурларниң тарихидики истимал вақтини рошәнләштүрүлгән болсун, йилнамә уйғурларда пәқәт салнамә түсини алған вә мәлум бир дәврни чиқиш қилған вә яки аммибаб тарихий вәқәләрни асас қилип, ихчам йезилип келиватиду. Чоң йилнамиләр кәм учрайду. Чоңрақ йилнамә түсини алғинидин «шинҗаң тарихий матеряллири»ниң 26-, 27-, 28- қисимлириниң ахиридә қошумчә қилип берилгән сәйҗинсоңниң 1840- йилидин 1949- йилиғичә вәқә-һадисиләр баян қилинған «шинҗаңниң йеқинқи заман тарихдики чоң вәқәләр йилнамиси»ни тилға елип өтүшкә болиду. Униңдин башқа 1985- йилидин башлап нәширдин чиқип келиватқан «шинҗаң йилнамиси» болуп, гәрчә йилнамә дә атилип келиватқан болсему у мәлум бир йилни мәркәз қилған болуп, йилнамә дегәндин бәкрәк йиллиқ китаб яки йиллиқ (исим) дәп алған түзүк, чүнки «шинҗаң йилнамиси» өткән бир йилда болуп өткән яки йүз бәргән әһвал- вәқәләрниң мунасивәтлик учурлирини баян қилип бериду. ( шинҗаң йилнамиси 2005, тәһрир илависи, дәсләпки 13- бәткә қараң.)
Қолиңиздики бу йилнамини рәтләп, системилаштуруп, мәнтиқилиқ, бағлинишчан бир пүтүн әсәр шәклигә кәлтүрүш үчүн сиңдүргән әқли, җисмани вә мәниви әҗримдин сирт, йәнә һаятимдики издиниш вә хирис билән тошқан қиммәтлик 12 йил вақтим кетипту. Мәзкур китабни вуҗутқа чиқириш җәрянда пайдиланған, издәнгән вә көргән материялларниң тизимликини, мунасивәтлик вәқәләргә аит йил, ай вә шараит яр бәргәнлириниң күнлириму елинип, кичик тирнақ билән шәрһиләнди. Гәрчә китабқа сиңдүрүлгән әҗр, сәрп қилинған вақит үзүлмәй бир ритимда елип берилған болсиму, бесип өткән қисмән басқучлардики нуқтиларни оқурмәнләр билән ортақлишишни туғра таптим. Йилнамини вуҗутқа кәлтүрүш үчүн күткинимдин көпрәк әмгәк сиңдүрүшкә туғра кәлди. Тепилиш мүмкиничлиги болған барлиқ тарихи язмиларни еринмәй тәпсили көрүп чиқиш, мунасивәтлик тарихи вәқәләрни топлаш, тәпсили хатирә қалдуруш, селиштуруш, тәртибләштүрүп тизип чиқиш арқилиқ китаб һалитигә кәлтүрүштин башқа, иккинчи басқучта мунасивәтлик шәхсләр билән алақилишип, уларниң тәнқидий вә әқлани пикирлириниң ярдимидин мәнпәәтләндим.
2007-йилиниң башлирида, көзгә көрүнгән уйғур зиялийлиридин, җүмлидин хәлқ арисида тунулған тариғчилар, әдибләрдин болуп он нәччә киши (арисида тарих пәнлири доктори, тарих пәнлири билән мунасивәтлик саһәләрдики доктор вә әдибләр бар ) билән телефон вә торхәт (елхәт) арқилиқ алақилишип, уларниң ағзаки бәргән разилиқини алғандин кейин китабниң дәсләпки оригиналини һәр бир зиялийға бир нусхидин әвәтип бәрдим. Оргинал әвәтилип, узун өтмәй юқириқи әдибләрниң биридин қиммәтлик пикирләр билән толған бибаһа инкас кәлгәндин сирт, башқилардин таки бүгүнгә қәдәр бу қолязмиға аит һеч қандақ учур алалмидим. Әлвәттә, уларниң сүкүт қилишида өзлириниң асаслири бардур, бу йәрдә дана зиялийлиримиз немә үчүн җавап қайтурмиди дегән мәслә устидә пәрәз қилип оқурмәнләрниң қиммәтлик вақтини зая қилмай. Қисқиси, уларниң қиммәтлик пикирлирини аңлаш несип болған болса нурғун орунсиз нуқсанлардин сақлиналишим мумкиниди бәлким.
Гәрчә юқириқи зиялийлиримизниң илтипатиға еришәлмигән болсамму, кейинчә вәтәндин бирйтанийәгә белим ашуруш үчүн кәлгән зиялийлиримиздин биригә һавалә қилип, китабимни шинҗаң хәлқ нәшриятиға әвәтип, шу йәрдә нәшир қилдуруш истигимини баян қилдим. Мәзкур алим пикримни орунлуқ дәп қарап, мени синап көрүшкә риғбәтләндүрди вә кейин лондондики оқуши аяғлишип вәтәнгә қайтишида китабиниң аригиналидин бир нусха көпәйтип вәтәнгә елип кетип, нәшириятлар билән алақә қилип беқишқа мақул болди. Аридин узун өтмәй кәлгән хәвәрләрдин билишимчә, мунасвәтлик нәшрият мәсуллири мәзкур йилнаминиң оригиналини көргәндин кейин, бу типтики һәҗми чоң, мәзмуни мол әсәрләрни бир шәхс әмәс, бир йилнамә йезиш гурупписи түзүшкә тегишлик бүйүк илмий хизмәт дәп, оригинални шинҗаң университети тарих факолититиға елип кәткәнлики мәлум болди.
Бу хәвәрни алғили 5-6 йил болуп қалған болсиму, шундин бири мәзкур китабниң тәқдири вә бүгүнки һалити һәққидә һеч бир йип учиға еришәлмидим. Аридин бир қанчә йил өтүп, 2012- йили декабир айлирида мәзкур китабимниң бир қисим бөлүмлирини торда учритип, бир тәрәптин һәйран қалдим вә сәл тәмтирәп қалдим. Әлвәттә, һазирқи әсәр тордики бу нусха билән рошән пәрқлинәтти. 2007 йилидин буян көп түзитилип, қайта-қайта ишләнгәнлики үчүн, мән әвәткән әйни чағдики нусха билән селиштурғанда, у чағдики нусхисиға қариғанда техиму толуқлинип мәйли мәзмунидин болсун, яки сүпәт җәһәттин болсун рошән пәрқләнсиму, әмма бир илмий әмгәкниң халиғанчә суйистимал қилиниши роһимға тәсир қилип, көңлүм биарам болди.
Шундин буян мәзкур китап үчүн техиму көп вақит сәрп қилидиған болдум, нәтиҗидә, көридиған материяллар, толуқлайдиған мәзмунлар, вә йилнамидики мәзмунларниң мәнбәси үстидики издинишим көпәйди.
Көрүп турупсиз көп әҗр бәдилигә, мәзкур йилнамиға тутуш қилғандин бири 12 йиллиқ җапалиқ издишим вә тиришишниң мол һосули сүпитидә бу китап ахири оқурмәнләр билән йүз көрүшүш шәрипигә еришти. Әсәрниң мәзмуни китабқа ишлитилгән пайдилиниш материялини оқуш җәрянида йезип қалдурған тарихий вәқәләргә мунасивәтлик йил, ай, күнләрни асаси қилған һалда түзүп чиқилди. Китабта тилға елинған вәқә-һадисиләрни баян қилиш амал бар ушбу вәқә тилға елинған китаб вә мақалиләрдики ушбу баянларни өз пети яки шуни чөридигән асаста әдәбий тәсвирләр қисқартилип елинди.

Ушбу йилнамини қолумда мәвҗут материяллардин пайдилинип, чамимниң йетишичә мәзкур йилнамидә тилға елинған вәқә-һадисиләр пайдиланмиларда тилға елинған мақалә-китабларда хатириләнгән әң бурунқи өтмүштин башлап 1985- йилиғичә болған тарихий вәқәләрни асас қилған болуп, 1985-йилдин кейинки җәрян үчүн техиму көпрәк издинишимгә вә яман көпматериял көрүшүмгә тоғра кәлгәнликтин чамимниң йетишичә болған 1985- йилиғичә йезишқа мувәппәқ болдум.
Бир милләтниң тарихи йилнамисини йезип чеқиш қопупла язғили болидиған иш әмәс икәнликини китабни йезип мәлум қисмиға кәлгәндила андин һес қилдим. Мурәккәп тарихий вәқәләр бир биригә гирәлишип кәткән болуп охшаш болмиған тарихчилар, тәтқиқатчилар вә әдибләр охшаш вәқә-һадисиләрни охшимиған йилларда баян қилған болуп бәзи вәқә- һадисиләрниң ортақ қобул қилған йилини тепиш асанға чүшмиди, буниң үчүн хәнзучә, инглизчә вә түркчә китабларни көрүшкә тоғра кәлди. Наһайити аз сандики бәзи вәқәләр икки йилда тәкрар елинди.
Йилнамә үчүн пайдиланған әсәрләр асасән мәтбуатлиримизда уйғур вә хәнзу тилида нәшр қилинған китаб мақалиләр болуп, муәллиплири көзгә көрүнгән зиялийлар, тарихчилар билән тарихи шәхсләр болуп, бәзилири мәлум тарихий дәвр яки мәлум тарихий саһәләрниң мутәхәсислири вә яки шу вәқә-һадисиләрниң тирик шаһидлири болуп йилнамә үчүн биринчи қол материял билән тәминләп бәрди.
Китабта баян қилинған вәқә-һадисиләр мунасивәтлик әсәрләрниң апторлириниң исимлирини ушбу вәқә-һадисә ахириға тирнақ ичидә берилди. Пүтүн йилнамә баштин-ахир апторларниң баянлирини мәркәз қилған болуп, вәқә-һадисиләр мумкинқәдәр мәзкур апторниң өз пикир услублирини сақлап қалған асаста йезилди.
Уйғур йилнамиси бундин бурун бу көләмдә йезилип бақмиғанлиқи үчүн, йилнамә даириси һәққидә чәклимиләрниң даириси ениқ бәлгиләнмигән, берилгән мәзмунлар өзүмниң қарашлири вә йилнамә билән мунасивәтлик оқуған бәзи китабларни чиқиш қилғанлиқим үчүн өзүм йилнамидә болушқа тегишлик дәп қариған мәзмунлар йилнамидин һалқип қошумчә сүпитидә берилди. Қошумчилар җәмий 60 әтрапида болуп биваситә уйғурлар тарихий билән мунасивәтлик тарихий шәхсләр, тарихий вәқәләр, тарихий келишимләр, қошна әлләрниң тарихий шәхслири, ишләпчиқириш қурулуш девизийиси, вилайәт, наһийә, шәһәрләр учурлири, уйғурлар тарихида алаһидә орунда туридиған шәхсләр, вәқә вә һадисиләр категорийәләштүрүлүп берилди
Йилнаминиң қошумчилирида йәнә уйғур классик әдәбиятиниң йетүк намайәндилири вә уларниң әсәрлири уйғур классик әдәбияти ғәзиниси сүпитидә әсирләр бойичә берилиш билән бирликтә уйғурларниң 20-әсирниң кейинки йеримидики 40 йиллиқ нәшрият тарихидики қисмән китабларниң апторлирини өз ичигә алған мунасивәтлик нәшр учурлири берилди.
Мәзкур китабни түзүш җәрянида топлап рәтлигән бир қисим тарихи шәхсләрниң қисқичә тәрҗимиһали вә кичиккинә тарих луғитиму қошумчә қилип берилгән болуп, йилнамида тилға елинған тарихий шәхс вә тарих аталғулириниң техиму чүшүнүшлүк болишиға түрткә болиду дәп қараймән. Буниң үчүн тарихчиларвә оқурмәнләрниң қиммәтлик пикир беришини вә шу арилиқ техиму толуқ тарих луғитиниң рояпқа чиқишини үмид қилимән.
Мәзкур йилнамә кәң уйғурларни, уйғурлар вә уйғур тарихиға қизиққучиларни чиқиш қилип йезилди. Китаб көп мәнбәлик әсәр болуш сүпити билән биргә, бу бир илмий тәтқиқат нәтиҗисидур. Мәзкур китабһәр қайси саһә вә кәң китабханларниң пайдилиниши үчүн аммибаб тилда баян қилинған универсал характердики пайдиланма әсәр болуш биләнла қалмай, уйғурларниңмуәййән тарихий вә шуни чөридигән иҗтимаий вә сиясий һадисилириниң йиғиндиси болуп, җәмийәтниң һәр қайси саһә вә орунлиридики кәң аммиға баб бир әсәрдур.
Китабханларниң тилға елинған вә баян қилинған вәқә-һадисиләргә қарита илмий нуқтида туруп, тарихий вәқәләрдики реаллиқларни чиқиш қилип, шу дәвр вә шу вәқәләрни баян қилғучиларниң мәвқәсини дәңсәп әқлий позитсийидә туруп пайдилиниши үмид қилимән.
Мәзкур йилнамә 2004- йилиниң башлири қолға елинған болуп, 2016- йилниң оттурлирида түгитишкә мувәппәқ болдум. Китаб йезилип нәширгә тәййар болуш җәрянида маңа һәрқайси җәһәтләрдә ярдәмләрдә болған достлиримға рәхмитимни билдүрүш билән биргә китапни баштин ахири еринмәй көрүп, қиммәтлик пикирлирини вә илмий қарашлирини оттуриға қоюп китапниң техму илмий рояпқа чиқишға ярдәм қилған доктур амир сәйдулла әпәндигә көп тәшәккүрүмни билдуримән.
Йилнамә билимим чәклик, тарих билимлирим кәмчил болғачқа китабта көрүлидиған кәмтүклүк вә йетәрсизликләрниң мана мән дәп чеқип туруши рошән. Китабханларниң қиммәтлик тәклип пикирлирини айимай берип китабниң мукәммәл бөлиши үчүн һәмдәмдә бөлишини үмид қилимән.
2016-йили6-ай.
Лондон

ئەركىنجان ئەمەت ۋە ئەسەرلىرى

يازغۇچى ئەركىنجان ئەمەت 1965- يىلى 4- ئاينىڭ 12- كۇنى ئاتۇش تا تۇغۇلغان. 2003- يىلى 3- ئاينىڭ 27- كۇنى ئالەمدىن ئۆتكەن.


ئەركىنجان ئەمەت ۋە ئەسەرلىرى